ناۋا پروگراممىسى ياش سەنئەت ھەۋەسكارلىرى ئارىسىدىن كەلگۈسىدىكى چولپاننى بايقاش
ۋە ئۇلارنى تەربىيلەشنى ئاساسى مەقسەد قىلغان، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2- ۋە 5- قانىلىدا سەككىز قېتىم تەكرار قويۇلىدىغان، رايونىمىز بويىچە كۆرۈلۈش
نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى كۆڭۈل ئېچىش پروگراممىسى.
رايونىمىز مەدەنىيەت ساھەسىدە يۈكسەك ئابروي ۋە كۈچلۈك تېخنىكا ئاساسىغا ئىگە
قارلۇق مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى پروگراممىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۇمۇمى قۇرۇلمىسىنى
يەنىمۇ ياخشىلاش نىيتىدە ناۋا پىروگراممىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى. قارلۇق
شىركىتى كۆپچىلىكنىڭ پىروگراممىنى باشقۇرۇشقا بىرلىكتە قاتنىشىپ، پىروگراممىغا
پىكىر تەكلىپ بېرىشىنى، ھەممىمىز بىرلىكتە كۆرىدىغان بۇ پىروگراممىنىڭ ساپاسىنى
ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كىچىككىنە بولسىمۇ تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ناۋا پىروگراممىسى ئەسلىدىكى نۇقۇل سەنئەت كېچىلىكى
شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، داۋاملىق ياش ناخشىچىلارغا سەھنە پۇرسىتى بېرىش بىلەن بىرگە ھەر
ساندا ئۈچ ئاۋام ئېتىراپ قىلغان چولپاننى تەكلىپ قىلىپ كۆپچىلىككە ساپالىق نومۇرلارنى سۇنىدۇ.
سىز يەنە ھەر سان پىروگراممىمىزدىكى ئۆزىڭىز ياقتۇرغان
ناخشىچىغا بېلەت تاشلايسىز، قايسى ناخشىغا تاشلانغان بېلەت كۆپ بولسا كېلەر سان
پىروگراممىمىزدا شۇ ناخشىچى ئالدىنقى سانلىق چولپان ھىساپلىنىپ كاتتا مۇكاپاتقا
ئېرىشىدۇ. ئەلبەتتە سىزمۇ تەلەيلىك تاماشىبىن سۈپىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالسىڭىز
ئەجەپ ئەمەس!
پىروگراممىمىزغا تەكلىپ-پىكىر بەرمەكچى، ناۋا سەھنىسىگە نومۇر بەرمەكچى ياكى
ناخشىچىلارنى قوللاپ بېلەت تاشلىماقچى كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابونتى بولسىڭىز 125901813گە، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ئابونتى بولسىڭىز 101563088گە، تېلگراف ئابونتى بولسىڭىز 16889880گە تېلىفون قىلىپ ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ناخشىچىغا بېلەت تاشلاڭ ۋە ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان نومۇرنى تەلەپ قىلىڭ.
كەلگۈسىدىكى چولپاننى سىز بەلگىلەيسىز! سىزگە ۋە دوستلىرىڭىزغا ئامەت يار بولسۇن!
چولپان بولۇشنى ئىستىسىڭىز، ناۋا پىروگراممىسىغا قاتناشماقچى بولسىڭىز توردا
تىزىملىتىڭ.سەھنە ھاياتىڭىزنى قوللىغۇچىلىرىڭىز بەلگىلەيدۇ، دادىل بولۇڭ!